Uyghur主要词典
تىكەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېخىدا سانجىيدىغان نەشتىرى بار چاتقاللار ۋە ياكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال. سېنىڭ پۇتۇڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن. ئالتۇن توشۇيدىغان تۆگىنىڭ يەيدىغىنى شۇ يانتاق. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا يانتاققا بوينىنى ئېگەر. خۇخا سانجىلسا، جاندىن ئۆتەر. شوخسىدىن قورقما، پۇتىقىدىن قورۇق. چىتلاققا جىغان كېرەك. يەر قېرىسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن قېرىسا ئۇرۇشقاق. بىر ئۇرۇشقاقتىن قورۇق، بىر بۇدۇشقاقتىن.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
قۇرۇتىلىدىغان ئۈزۈمنى ئاسىدىغان ئۇزۇن بادىرا ياغاچ (بۇ بادىرا ياغاچقا نۇرغۇن تۆشۈك تېشىلىپ، تۆشۈكلەرگە چوكىسىمان ياغاچلار ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇڭا «تىكەن» دەپ ئاتالغان)؛ مىقدار سۆز. مەسىلەن: بۇ يىل بۇ باغدىن 100 تىكەن ئۈزۈم چىقتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىكەن.
بۇ سۆزنىڭ يېنىك ۋە قىسقا شەكلى شۇنداق. قائىدە بويىچە بولغاندا، بۇ سۆز ئىككى «ك» بىلەن « تىككەن» بولۇشى لازىم ئىدى. چۈنكى بۇ سۆز «تىكمەك، قادىماق، سانچىماق» مەنىلىرىدىكى « تىكدى» سۆزىدىن ئېلىنغان. « تىككەن» سۆزىدىكى بىرىنچى «ك» سۆزنىڭ ئەسلى تومۇرىدىكى «ك» بولۇپ، ئىككىنچى «ك» سۈپەت ياساشقا لازىم بولغىنى ئۈچۈن كېيىن قوشۇلغان. مەسىلەن: «گۆشنى زىققا تارتتى» مەنىسىدىكى « تەۋدى ئەتنى» دېگەن جۈملىنى سۈپەتلەشتۈرىمىز دېسەك، « ئەتنى تەۋگەن» دەيمىز.
دېمەك، بىر سۆزدىن سۈپەت ياساشتا، ئۇنىڭغا بىر «ك» ھەرپى قوشۇلىدۇ. « ئەر چۆمدى _ ئادەم سۇغا چۆمدى» جۈملىسىدىكى « چۆمدى» سۈپەت ياسىغاندا « سۇۋقا چۆمگەن ئەر» بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ سۆزنىڭ تومۇرىغا بىر «ك» قوشۇلغان. ئەگەر سۆزنىڭ ئۆزىدە «ك» بولغان تەقدىردىمۇ، سۈپەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بىر «ك» قوشۇپ، قاتلاپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن: « ئەر ئۇراغۇتنى سىكتى _ ئەر خوتۇنىنى سىكتى» دېگەن جۈملىنى سۈپەتلەشتۈرمەكچى بولساڭ، « سىككەن ئەر» دەيسەن. « تىككەن» سۆزىمۇ شۇنداق. يېنىكلىتىش ئۈچۈن كېيىنكى «ك» چۈشۈرۈپ قالدۇرۇلغان.
1 - 521
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئۆسۈپ چىققان تىكەنسىمان ماددا. ئۇ ھايۋانلارنىڭ زەخىم يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ياكى پارلىنىشنى ئازايتىپ قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ خىل بولىدۇ: (1) شاخ تىكىنى، يەنى ھالەت ئۆزگەرتكەن شاخ، ئۇ قولتۇق بىخىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. يوپۇرماق قولتۇقىغا جايلىشىدۇ، شاخلىنىدۇ ياكى شاخلانمايدۇ، ئۈستىدە يوپۇرماق ياكى گۈل ئۆسىدۇ. مەسىلەن، دولانا، سوپۇن دەرىخى، ئەينۇلا قاتارلىقلار. (2) يوپۇرماق تىكىنى، يەنى ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق. مەسىلەن، كاكتۇسنىڭ يوپۇرمىقى رۇدىمېنتلىشىپ تىكەن ھالەتكە كېلىپ، پارلىنىش يۈزىنى كېچىكلىتىدۇ؛ ئاق ئاكاتسىيىنىڭ تەگ يوپۇرمىقى تىكەنگە ئايلانغان بولىدۇ؛ زىرىقنىڭ يوپۇرماق تىكىنى ئۈچ ئاچىماق بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى بىرى يوپۇرماق سېپى بىلەن يوپۇرماق ئالقىنىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئىككى ياندىكىسى تەگ يوپۇرماقنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
(3) قوۋزاق تىكىنى، غول ۋە يوپۇرماقنىڭ ئېپىدېرمىسى ياكى قوۋزاق قەۋىتىدىن ھاسىل بولغان تىكەن بولۇپ، غول ۋە يوپۇرماقتا رەتسىز ئۆسىدۇ. مەسىلەن، ئازغان، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول - شاخلىرىدا ئۆسكەن يىڭنىسىمان بىخچە.
تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزى.
بەزى ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە، يىڭنىسىمان ئورگىنى.
كىرپە تىكىنى بىلەن ماختىنار (ماقال).
نەرسىلەرنىڭ ئۆتكۈر تىكەنسىمان قىسمى.
توسۇق سىملىرىنىڭ تىكىنى ئۇنىڭ شىمىنى ئىلىۋالدى.
قۇرۇتىلىدىغان ئۈزۈمنى ئاسىدىغان ئۇزۇن بادرا ياغاچ.