Uyghur主要词典
تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار
بىئولوگىيە
ئېخىنودىرماتالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋانلار دۇنياسىدىكى بىر تىپ بولۇپ، كېيىنكى ئېغىزلىق ھايۋانلار قاتارىغا كىرىدۇ. يېتىلگەن تېنى رادىئال سىممېترىك (لېچىنكىسى ئوڭ - سول سىممېترىك) بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەن شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ، يۇلتۇز شەكىللىك، شار شەكىللىك، سىلىندىر شەكىللىك، دەرەخسىمان شاخلانغان شەكىللىرى بولىدۇ. مېزوبلاستتىن كېلىپ چىققان كالتسىي ماددىلىق ئىچكى سۆڭىكى بولىدۇ. بەدەن سىرتىنى كىرپىك تۈكلۈك ئېپىتېلىيىسى ئوراپ تۇرىدۇ، كۆپچىلىكىدە سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن تىكەنلىرى بولىدۇ. بەدەن بوشلۇقى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىچكى ئورگانلىرىنى روشەن ئوراپ تۇرغان ئىچكى ئورگان ئەتراپى بوشلۇقىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ تىپقا خاس بولغان باسقۇچلۇق قانال سىستېمىسىغا ئۆزگەرگەن. كۆپىنچىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئاپپاراتى نەچچە پۇت بولۇپ، ھەرىكىتى ئانچە تىپىك ئەمەس؛ ئاز ساندىكىلىرى مۇقىملىشىپ ياشايدۇ. ھەممىسى دېڭىزلاردا ياشايدۇ. بارلىق دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار تەخمىنەن 800 تۈردىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئۇلارنى دېڭىز گۈلسامسىقى (كىرىنوئىدىيە)، ترېپانگا، دېڭىز كىرپىسى (ئېخىنوئىدىيە)، دېڭىز يۇلتۇزى ۋە يىلان قۇيرۇقلۇقلاردىن ئىبارەت بەش سىنىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى ئادەتتە ئانچە يۇقىرى ئەمەس. 20 نەچچە تۈرلۈك ترېپانگىلار ۋە بىر نەچچە خىل دېڭىز كىرپىسىنىڭ تۇخۇمىنى ئىنسانلار ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى ئوغۇت قىلىنىدۇ؛ بىر نەچچە خىل دېڭىز يۇلتۇزىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. بەزى دېڭىز كىرپىلىرى ۋە دېڭىز يۇلتۇزلىرى يۈسۈن، قۇلۇلىلەرنى ياخشى كۆرۈپ يېگەچكە يۈسۈن ۋە قۇلۇلە باقمىچىلىقىنىڭ زىياندىشى ھېسابلىنىدۇ.