Uyghur←Chinese主要词典
تەتۈر باغلىنىشلىق تورمۇزلاش
بىئولوگىيە
反馈抑制
fǎnkuìyìzhì
<تەتۈر باغلىنىشلىق> دېگەن سۆز ئېلېكترون سانائىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بىر خىل ھەرىكەت ئۈنۈمى دەپ قارىلىدۇ. <چىقىرىلىشنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە نىسبەتەن كونتروللۇقى> دۇر. ئەگەر ئۈنۈمى ئىلگىرى سۈرۈلسە، <ئوڭ تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش>، ئەكسىچە ئۈنۈمى تومۇزلانسا، <تەتۈر تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش> بولىدۇ. جانلىقلارغا نىسبەتەن پۈتكۈل مېتابولىزم جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتى يىغىلىپ بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەن ۋاقتىدا ئۇ بۇ جەرياننىڭ مەلۇم باسقۇچىدىكى ھالقىلىق ئېنزىم (دائىم بىرىنچى ئېنزىم) بىلەن بىرىكىپ ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ھاسىلاتنىڭ سىنتېزلىنىشى توختاپ قالىدۇ، مانا بۇ <تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش> بولىدۇ.