Uyghur主要词典
تەتۈر باغلىنىشلىق تورمۇزلاش
领域: بىئولوگىيە<تەتۈر باغلىنىشلىق> دېگەن سۆز ئېلېكترون سانائىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بىر خىل ھەرىكەت ئۈنۈمى دەپ قارىلىدۇ. <چىقىرىلىشنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە نىسبەتەن كونتروللۇقى> دۇر. ئەگەر ئۈنۈمى ئىلگىرى سۈرۈلسە، <ئوڭ تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش>، ئەكسىچە ئۈنۈمى تومۇزلانسا، <تەتۈر تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش> بولىدۇ. جانلىقلارغا نىسبەتەن پۈتكۈل مېتابولىزم جەريانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلاتى يىغىلىپ بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەن ۋاقتىدا ئۇ بۇ جەرياننىڭ مەلۇم باسقۇچىدىكى ھالقىلىق ئېنزىم (دائىم بىرىنچى ئېنزىم) بىلەن بىرىكىپ ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ھاسىلاتنىڭ سىنتېزلىنىشى توختاپ قالىدۇ، مانا بۇ <تەسكىرىي باغلىنىشلىق تورمۇزلاش> بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。