Uyghur←Chinese主要词典
تەتۈر باغلىنىشلىق چەكلىنىش
领域: بىئولوگىيە反馈阻遇
fǎnkuìzǔyù
بىر مېتابولىزم جەريانىنىڭ ئاخىرقى (ئۇچى) ھاسىلاتى يىغىلىپ بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەندە، ئۇ ھۈجەيرە مەۋجۇت بولغان چەكلىگۈچى ماددا بەلگىسى تەڭشىگۈچى گېندىن تۈزۈلگەن بىلەن بىرىكىپ، بەزى رېئاكسىيىلەردىكى ئېنزىملارنىڭ سىنتېزلىنىشىنى بىرلىكتە چەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاسىلاتنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ، بۇ خىل تورمۇزلىنىش رولى تەتۈر باغلىنىشلىق چەكلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. كاتابولىزمدا چەكلىنىش ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددا مەۋجۇت بولمىغان ۋاقىتتا چەكلىگۈچى ماددىنىڭ باشقۇرغۇچى گېن بىلەن بىرىكىپ، تۈزگۈچى گېننىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىغا قارىتىلغان. ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددا مەۋجۇت بولغان ۋاقىتتا ئۇ چەكلىگۈچى ماددا بىلەن بىرىكىپ كونفورماتسىيىسى ئۆزگىرىپ كېتىپ، باشقۇرغۇچى گېن بىلەن بىرىكىش كۈچى ئاجىزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈزۈلۈش گېنى كۆپ سىسترونلۇق بىر mRNA نى كۆچۈرۈپ چىقىدۇ. ئىندۇكسىيىلىگۈچى ماددا چىقىرىپ تاشلانغان ھامان ئاقسىل (ئېنزىم) نىڭ سىنتېزلىنىشى تېزلا توختايدۇ. ئانابولىزمدا ئېنزىمنىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئاخىرقى ھاسىلات چەكلەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېخانىزمى ئوخشىمايدۇ، تەڭشىگۈچى گېن ئۆزى باشقۇرغۇچى گېننى پەرقلەندۈرۈلمەيدىغان بىر خىل دەسلەپكى چەكلىگۈچى ماددا (aporepressor) nخ تۈزۈپ چىقىپ، بۇنىڭ ئاخىرقى ھاسىلات بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشى ئارقىلىق باشقۇرغۇچى گېننى پەرقلەندۈرىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىدىغان بىر چەكلىگۈچى ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، گىستىدىن ئوپېرون (چاشقان كېزىك سالمونىللا تاياقچە باكتېرىيىسى) گىستىدىن مەۋجۇت بولغاندا گىستىدىنازا سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىنتېزلىنىشلارنى ھەمكارلىشىپ چەكلەيدۇ، بۇ ياردەمچى چەكلىگۈچى ماددا (corepressor) گىستىدىننىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى گىستىدىنىل - tRNA دۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。