Uyghur主要词典
تەسلىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاپشۇرۇش؛ بىرەر پىكىرنى قوبۇل قىلىپ كۆنۈش؛ بويسۇنۇش؛ تەن بېرىش، قايىل بولۇش.
ئېرۇر ئالتىنچىنىڭ مەنىسى تەسلىم،
ئەگەر ئالساڭ دىلۇ جان بىرلە تەئلىم.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاپشۇرماق، بەرمەك؛ تەسلىم جان - جان تاپشۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېڭىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن توختاش، باش ئېگىش، بويسۇنۇش.
تەسلىم بولماق. تەسلىم قىلماق.