Uyghur主要词典
تەسمىيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئات ئىسىم قويۇش، نام قويۇش، ئاتاش؛
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاتىماق، ئات قويماق.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ئاتاش، ئىسىم قويۇش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان جۈملە، يەنى <بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم> (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) دېگەن سۆز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇسۇلمانلار قۇربانلىق قىلغاندىن باشقا ھەرقانداق سورۇندا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا (مەسىلەن، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن) مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ بۇ سۆزنى ئىشلىتىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
( بىسمىللا ) مۇسۇلمانلار ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى زىكرى قىلىشقا ئىشلىتىدىغان سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى « تەسمىيە » دېيىلىدۇ. بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى « ئىسىم قويۇش »، « ئىسىم بېكىتىش »،« ئاتاش » دېگەنلىك بولۇپ، « بىسمىللا » دەپ ئىشلىتىلگەن. مۇسۇلمانلار بىرەر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى « بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم » دەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى « ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاللانىڭ گۈزەل ئىسمىنى زىكرى قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، قىسقارتىلىپ « تەسمىيە » دېيىلىدۇ. بۇ جۈملىدىكى « رەھمان » ( شەپقەتلىك ) ۋە « رەھىم » ( مېھرىبان ) دېگەن ئىككى سۆز ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىككى ئىسىمدۇر. مۇفەسسىرلەرنىڭ تەپسرى قىلىشچە، « رەھمان » دېگەن سۆز ئاللانىڭ پانىي دۇنيادىكى جىمى مەۋجۇداتلارغا قىلىدىغان كەڭ ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ. « رەھىم » دېگەن سۆز ئاللانىڭ باقىي ئالەمدە مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئىمانى چىڭ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا قىلىدىغان ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ جۈملە بۇرۇن خەنزۇچىغا « بۇ دۇنيادا شەپقەت، ئۇ دۇنيادا رەھىم قىلغۇچى ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇشرىكلىك ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلەپ، بۇتلارغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان، يامان كەيپىياتلار يامراپ كەتكەن. قەبىلىلەر مال زەبىھ قىلىپ نەزىر قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ نامىنى زىكرى قىلغان. مەسىلەن، « لاتنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن »، « ئۇززانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. بۇ ئەينى چاغلاردا كەڭ يامرىغان ناچار ئادەت ئىدى. ئىسلام دىنى يېڭىدىن دىنغا كىرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدىكى بۇتلارنىڭ ئورنىنى ۋە تەسىرىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ بىرلىكىگە بولغان ئىمانىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنى ھەر قاچان ئاللانى ئەسلەپ تۇرۇشقا ۋە ناماز _ ئىبادەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا يېتەكلىگەندىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەل قىلىدىغان ئەخلاق مىزانلىرىنى ۋە ھەرىكەت قائىدىلىرىنى، ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. « قۇرئان كەرىم » دىكى 114 _ سۈرە ئىچىدە 9_ سۈرە ( سۈرە تەۋبە ) دىن باشقا ھەممە سۈرىلەر « ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن » دەپ باشلىنىپ، ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىشنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللانڭكىدىن ئۆزگە ئىسملار زىكرى قىلىنىپ بوغۇزلانغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىش « قۇرئان كەرىم » دە ھارام قىلىنغان ( 6 _ سۈرىنىڭ 121 _ ئايىتىگە، 2 _ سۈرىنىڭ 173 _ ئايىتىگە قاراڭ ). ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى رېئال ئەھمىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەندۈرۈلگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مال زەبىھ قىلغاندا ئالدى بىلەن « بىسمىكەللاھۈممە » ۋە « ئاللاھۇ ئەكبەر » دېگەن. ئۇسسۇلۇق ئىچىش، غىزا يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللا دېيىشنى بەلگىلىگەن ھەمدە « ھەممە مۇھىم ئىشنى ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىمىغان ئادەم چوقۇم نەتىجە قازىنالمايدۇ » دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈرگەن تارىخىي ھۆججەت _ « مەدىنە نىزامنامىسى » ۋە ھەر قايسى دۆلەت پادىشاھلىرىغا يوللانغان مەكتۇبلەر تەسمىيە بىلەن باشلانغان.
مۇسۇلمانلار « قۇرئان كەرىم » ۋە ھەدىستىكى تەلىماتلارغا ئاساسەن بەش پەرزنى ئادا قىلىش، كەلىمە سانا ۋە مەۋلۇد ئوقۇش، ھەر خىل ئىبادەتلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئاڭلىق ھالدا تەسمىيە ئوقۇيدۇ. مۇسۇلمانلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە تېكىستى مۇشۇ مۇسۇلمانلار مال زەبىھ قىلىش، تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى تەسمىيە ئوقۇغاندىن باشقا، ئورۇندىن تۇرۇش، يۈزىنى يۇيۇش، مۇنچىغا چۈشۈش، ئۇخلاش، سىرتقا چىقىش قاتارلىق ھەممە پائالىيەتلەردىن ئىلگىرى ئادەت بويىچە تەسمىيە ئۇقۇپ، يىگانە پەرۋەردىگار ئاللاغا بولغان قەيئىي ئېتىقادىنى ۋە ئىخلاسىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە ئاللادىن ھەممە ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىدۇ.