Uyghur主要词典
تەسكىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توختاش؛ توختىتىش، تىنچىتىش؛ ئارام:
ۋائىزا، مەنئ ئەتمەگىل ئىلىتىپ پەرى ئەيلەپ جۇنۇن،
يوق بۇ دەۋر ئوتىغە تەسكىن يا كۆڭۈل سەۋداسىغە.
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر ئورۇندا تۇرغۇزماق، شۈك تۇرغۇزماق، توختاش، توختاتماق، ئارام بەرمەك.
شىۋىلەر
خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك، تېنچلىق، جىملىق، تەسەللى (كۆڭۈل ھالىتى)، تەسكىن بەرمەك _ خاتىرجەم قىلماق، كۆڭلىنى ياسىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تىنچلاندۇرۇش، تەسەللىي.
تەسكىن بەرمەك. تەسكىن تاپماق.