Uyghur主要词典
تەسبىھ ئېيتىش
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلار تەسبىھ ئېيتىش ئارقىلىق ئاللانى، پەيغەمبەرنى مەدھىيلەيدۇ. تەسبىھنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى <كەلىمە تەييىبە>، <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرىلەر ۋە ھەمدۇ سانانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا قەسىدە سەغىر (كىچىك قەسىدە - ئۈنسىز قەسىدە) ئېيتىلىدۇ. ھېيت - ئايەملەردە جاراڭلىق زىكرى سېلىنىدۇ. قەسىدە سەغىرەنىڭ ۋاقتى قىسقىراق، جاراڭلىق، زىكرى ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <... يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن> دېيىلگەن (17 - سۈرىنىڭ 110 - ئايىتىدىن).