Uyghur主要词典
تەس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاسان ئەمەس، كۈچ كېتىدىغان، ئاسانلىقچە ئىشقا ئاشمايدىغان.
دادىل، مەرد بولماق ئاسان ئىش ئەمەس، شىرنىڭ يۈزىگە تىك قارىماق تەس. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. چۈمۈلىنى چوقۇپ قىرار قىرغاۋۇل، قارچىغىدىن ئۆز ھالى مۈشكۈل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر تۇرمۇش.
ئۆزىنى سورىغان تەس كۈنگە قالماس. سىرداش ئېغىر كۈندە بىلىنەر. يامان كۈن كىشىنى ئەقىللىق قىلار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدىغان.
ئاسان، ئوڭاي
قىلىشقا كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت كەتمەيدىغان.
ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇش ئاسان، ئادەم بولۇپ ياشاش تەس. موللا بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس. ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى. جان بېقىش ئوڭاي، جانغا راھەت تېپىش قىيىن. ئوڭاي ئىشەنگەن ئۆڭاي ئۆلىدۇ. موماي؛ مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىل، دەپ تىلەك تىلەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاشۇرۇش قوشۇمچىسى.
ئوغۇزچە.
1 - 428
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئوڭاي ئەمەس، قىيىن، مۈشكۈل؛ جاپالىق.
كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس (ماقال).