Uyghur主要词典
تەسبىھ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەسۋى؛ پاكلىق بىلەن يادلىماق، تائەت.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مەدھىيە>، <تەكبىر> دېگەنلىك بولىدۇ. (1) نامازدىن كېيىن ئاللاغا تەسبىھ ئوقۇلۇپ، <سۇبھانەللاھ> دېيىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەتىگەندە، ئاخشامدا 100 قېتىم شۇنداق دەپ ئوقۇغان ئادەمنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. (2) ئىران، پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار <تەسۋى> نى شۇنداق دەپ ئاتايدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« تەسۋى » مۇ دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلار كەلىمە سانا ئوقۇغاندا ساننى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسبىھ سىرىدۇ. تەسبىھ ياقۇت، كەھرىۋا، پىل چىشى، مۈڭگۈز، سۆڭەك، خۇرۇم ۋە خۇشپۇراق ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىشلىنىپ، يىپقا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەتتە 33 دانىسى ياكى 99 دانىسى بىر تىزىق قىلىنىدۇ. 100 تالنى ياكى مىڭ تالنى بىر تىزىق قىلدىغانلارمۇ بولىدۇ. ئاللانىڭ گۈزەل نامى بىر قېىتىم زىكرى قىلىنسا ياكى باشقا ھەمدۇسانا بىر قېتىم تەكرارلانسا، تەسبىھنىڭ بىر تال ئۇرۇقى سۈرۈلىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تەسبىھ ئىشلىتىلگەن. ئەھلىسەلىبنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇرزىغا زەربە بەرگەندە تەسبىھنى خرىستىئان دىنى قوبۇل قىلغان. XV ئەسىردىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئىچىدە كەڭ ئىشلىتىگەن. لېكىن ۋەھھابىيلار بۇنى « بىدئەتلىك » دەپ قارايدۇ.