Uyghur主要词典
تەپمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەپمەك؛ ئۇرماق؛ جۈپلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۇت بىلەن زەربە بەرمەك.
ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ (ماقال).
بىرەر نەرسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پۇت بىلەن دەسسىمەك.
ئەكبەر ۋېلىسىپىتنى ئالدىراش تېپىپ دوقمۇشتىن مەھەللە ئىچىگە قايرىلدى.
يۇمشىتىپ شاكىلىدىن، پوستىدىن ئاجراتماق، دان قىلماق.
خامان تەپمەك.
ئىتتىرمەك (مىلتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قوراللار ھەققىدە).
بۇ مىلتىق ئوق ئاتقاندا ئارقىغا بەك تېپىدۇ.
سىرتىغا ئۆرلەپ چىقماق؛ ئىپادىلەنمەك، سېزىلمەك.
بۇ چاغدا سابىرنىڭ يۈزلىرىدىنمۇ ھاياجان ۋە شادلىق تېشىغا تېپىپ چىققانىدى.