Uyghur主要词典
تەپەككۇر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
پىكىر يۈرگۈزۈش، پىكىر قىلىش جەريانى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ پائالىيىتى.
<ئوي> كۆڭۈلگە پۈككەن ئۈمىد، ئارزۇ.
<پىكىر> ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنسان ئېڭىدا تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ھاسىل بولغان نەتىجە.
<تەپەككۇر> ئۇقۇم ئاساسىدا ئانالىز، سىنتېز، ھۆكۈم، پەرەزگە ئوخشاش بىلىش پائالىيىتىنىڭ جەريان
ئوي - سۆزنىڭ بۇلىقى. ئادەم قېرار، پىكىر قېرىماس. ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىل. ئوي - پىكىرنىڭ خورىشى ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تەپەككۇر بولمىسا، كۆز ھەر قانچە يوغان بولسىمۇ بىكار. ئادەمنىڭ ئېڭى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئوبيېكتىپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېزىم ئىنساننى توغرا پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ.
تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر
تەپەككۇر ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ۋاسىتىلىك ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى بولۇپ، ئۇ بىلىش جەريانىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى. كىشىلەر تەپەككۇرغا تايىنىپلا ئۈنۈملۈك ئۆگىنەلەيدۇ، بىلىم - تەجرىبىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، تەبىئەتكە ماسلىشالايدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىيايدۇ، شۇڭا ئۇنى كۆڭۈلنىڭ مەركىزىي تۈگۈنى دەيمىز.
كىشىلەر ئەتىگەندە دېرىزە تەكچىسىنىڭ ھۆل بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا كېچىدە يامغۇر ياغقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، »يامغۇر يېغىش« ۋەقەسى كىشىلەرگە بىۋاسىتە كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق كىشىلەر تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق كېچىدە يامغۇر ياغقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى ۋاسىتىلىك بىلىدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ۋاسىتىلىك ئەكس ئەتتۈرۈش بولىدۇ. ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش دېگىنىمىز، ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نەرسە شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇملاشتۇردى، دېگەنلىك بولىدۇ. ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى شەيئىلەر رەڭگارەڭ بولۇپ، بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، دەرەخنىڭ خىللىرى تۈرلۈك - تۈمەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى »دەرەخ« قە ئومۇملاشتۇرىدۇ، بۇ، ئادەمنىڭ دەرەخنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
پسىخولوگىيە
ئادەم مېڭىسىنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئۇقۇمىي خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى قانۇنىيەتلىك باغلىنىشلارنى ئىنكاس قىلىش ۋە بىلىم ۋاستىسى ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىش ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت . ئىنسانلارغا خاس بولغان ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى پائالىيىتى ئادەمنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىدۇر. تەپەككۇر ئىككى تۈپ ئالاھىدىلىككە ئىگە، بىرىنچىدىن، ئۇ ئومۇملاشتۇرۇپ بىلىش جەريانىدۇر، يەنى ئايرىم شەيئى ياكى ئۇنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنىڭ ئىنكاسى بولماستىن، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى ۋە شەيئىلەر ئارىسىدىكى قانۇنىيەتلىك باغلىنىشلارنىڭ ئىنكاسى. جۈملىدىن ئۇ سەزگۈ بىلەن ئىدراكتىن پەرق قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەپەككۇر ۋاسىتىلىك بىلىش جەريانى يەنى ئادەمنىڭ سەزگۈ ئورگانلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغان شەيئى ۋە ئۇنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتمەستىن، سەزگۈ ئورگانلىرىمىزغا بىۋاستە تەسىر قىلمىغان ئومۇمىي شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتى بىلەن قانۇنىيىتىنى بىلىم، تەجرىبىلەر نېگىزىدە تىل ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ، يەنى تەپەككۇر مەقسەتلىك بولىدۇ. ئادەمنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى ھامان مەلۇم بىر نەزەرىيىۋى ياكى ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئەستە قالدۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى تىلدىن ئايرىلمايدۇ. تەپەككۇر ناھايىتى مۇرەككەپ بىلىش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئانالىز قىلىش، سىنتېزلاش، سېلىشتۇرۇش، ئابىستراكتسىيىلەش ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇش قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەريانلاردىن ئانالىز قىلىش بىلەن سىنتېزلاش ئاساسىي جەريان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، سېلىشتۇرۇش، ئابىستراكىتسىيىلەش ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇش جەريانلىرى ئەمەلىيەتتە ئاساسىي ئىككى جەرياننىڭ ئالاھىدە ھالەتلىرىدۇر. تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە خۇلاسە چىقىرىشلاردىن ئىبارەت. تەرەققىيات سەۋىيسى بىلەن مەقسەت، تەلەپلەرنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، تەپەككۇر مۇنۇلارغا بۆلۈنىدۇ: (1) ھەرىكەتلىك تەپەككۇر؛ (2) ئوبرازلىق تەپەككۇر؛ (3) ئابىستراكت (نەزىيىۋى) تەپەككۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەم مېڭىسىنىڭ رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى؛ ئوبيېكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسەۋۋۇر.
سىلەر تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر، بىز مەنتىقىي تەپەككۇر بىلەن شۇغۇللىنىمىز.
پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇھاكىمە؛ ئويلاش، خىيال.
مېڭىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمى زەخىملەنسە، تەپەككۇر قۇۋۋىتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ.