Uyghur主要词典
تەپكە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم( « تەپ » كە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە « كە » قوشۇلغان ).
تېپىك.
تەپكە تەپمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. قۇرال _ ياراغلارنىڭ ئوق ئۈزگەندە باسىدىغان يېرى.
تەپكىنى باسقان ھامان ئوق چىقىپ كەتتى.
2 . ماشىنىنىڭ پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يېرى.
3 . قاپقان، تۇزاقلارنىڭ ئىككى يانغا كېرىلىدىغان ئىككى قانىتى، تىر. قاپقاننىڭ تەپكىسى بوشاپ كېتىپتۇ، چىڭىتىپ قويايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوق ئۈزۈشتە قول بىلەن باسىدىغان قىسمى.
ماشىنا، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنىڭ پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قىسمى.
توقۇمىچىلىقتا ئۆرۈش يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ياغاچ سايمان.
باپكارلىقتا پۇت بىلەن دۇكاننى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئىككى تال ياغاچ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قاپقان (توزاق) نىڭ ئىككى يانغا كېرىلىدىغان يېرىم ئاي شەكىللىك ئىككى قانىتى؛ تىز.