Uyghur主要词典
تەڭگىچە قاسىراقلىقلار ئەترىتى
领域: بىئولوگىيەسۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا تەۋە. بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلىرى ئاز بولۇپ، پەقەت تاغ تېشەر ئۇرۇقدىشى (Manidae) نىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 - 45 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ياپىلاق، توم ھەم بەدىنىدىن قىسقىراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 27 - 35 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بەدىنى ۋە قۇيرۇقى كاھىش تەقلىدىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچە پلاستىنكا (قاسىراق) لار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شەكلى تەڭگىچىلىك زاغرا بېلىققا ئوخشايدۇ (شۇڭا خەنزۇچە نامى بىلەن زاغرا بېلىق نامىنىڭ ئاتىلىش ئاھاڭى بويىچە بېرىلگەن)؛ بېشى كىچىك، كونۇسسىمان، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، ئېغىز، قۇلاق، كۆزلىرى ناھايىتى كىچىك، چىشى يوق، تىلى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، 25 سانتىمېتىرغىچە ئۇزىراپ چىقىپ ئۇزۇنلۇقىنى يېپىشتۇرۇپ تۇتالايدۇ؛ تۆت پۇتى قىسقا، توم قۇۋۋەتلىك، تىرناقلىرى كۈچلۈك، ئۆتكۈر بولۇپ، يەرنى تاتىلاپ ئوزۇقلۇق تاپالايدۇ ياكى چۈمۈلە ئۇۋىلىرىنى كولايدۇ. ئۇ كامار كولىغاچقا <تاغ تېشەر> دەپ ئاتالغان. ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈلىرى ناچارراق، پۇراش سېزىمى سەزگۈر. چۈمۈلە، ئاق چۈمۈلە قاتارلىقلارنى تىلى بىلەن تۇتۇپ يەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق. بۇ ئۇرۇقداش يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈرى ئافرىقىغا، ئۈچ تۈرى ئاسىيا تارقالغان. مەملىكىتىمىزدىن چىقىدىغان تاغ تېشەر (Manis pentadactyla) جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قاسىرىقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، تەبىئىتى سەل سوغۇق، تەمى تۇزلۇق بولۇپ قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق رولى بار. بۇرۇن مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى 5000 كىلوگرامدىن ئاشاتتى. بىراق كىشىلەر ئۇنى قالايمىقان ئۇۋلاۋەرگەنلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قاسىراقلىرىنى يىغىۋېلىش قىيىنلاشماقتا. دۆلەت ئۇنى قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈپ تۈرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خالىغانچە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى چىقاردى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。