Uyghur主要词典
تەڭگىچە يوپۇرماق
بىئولوگىيە
فۇنكىسىيىسى ئالاھىدىلىشىپ ياكى رۇدىمېنتلىشىپ تەڭگىچە ھالەتكە كەلگەن ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق. ئۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تەڭگە بىخىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان بىخ تەڭگىچىسى. ئۇ قوڭۇر تېرىلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈكچە ياكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ، بىخى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. (2) تەڭگىچە غولىدا تەڭگىچە يوپۇرماق بولۇپ، ئاق سېمىز بولىدۇ. تەركىبىدە زاپاس ماددا مول بولىدۇ. (3) يەر ئاستى غولىدىكى تەڭگىچە يوپۇرماق قوڭۇررەڭ پەردىسىمان بولىدۇ، بۇ رۇدىمېنتلاشقان ئورگان.