Uyghur主要词典
تەڭگىچە
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېرىسىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ، بېلىقلار، يەر باغىرلىغۇچىلار ھەم ئاز ساندىكى سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بەدەن سىرتىدا ۋە قۇشلارنىڭ بەدىنىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇ نېپىز پلاستىنكىسمان بولۇپ، قوغداش رولىغا ئىگە. كېلىش مەنبەسى ۋە تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بېلىق تەڭگىچىلىرى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. يەنى قالقان تەڭگىچە، قاتتىق تەڭگىچە ۋە سۆڭەك تەڭگىچە. سۆڭەك تەڭگىچە يەنە دۈگىلەك تەڭگىچە ۋە چىشلىق تەڭگىچىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. سۆڭەك تەڭگىچىدە ئوخشاش مەركەزلىك ھالقا سىزىقلاردىن تەركىب تاپقان ياش ھالقىسى بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسەن بېلىقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى بىلىشكە ھەمدە بېلىقلارنىڭ يېشىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. يىلان، كەسلەنچۈك، تاغ تېشەر ھەم قۇشلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى تەڭگىچىلەرنىڭ ھەممىسى ئېپىدېرمىنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتىنىڭ تۇغۇندىلىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، بېلىق تەڭگچىسىگە ئوخشىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. تەڭگىنىڭ كىچىكى، كىچىك تەڭگە.
سۈپ. شەكلى تەڭگىگە ئوخشايدىغان، تەڭگە شەكلىدىكى.
تەڭگىچە بىخ. تەڭگىچە يوپۇرماق.