Uyghur主要词典
تەڭەشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەڭلەشتى.
تەڭەشدى نەڭ _ نەرسە تەڭلەشتى، يەنى بىر نەرسە بىر نەرسىگە تەڭلەشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
مەنىڭ بىلە كېڭەشدى
بىلكى ماڭا تەڭەشدى
ئەرەن بىلە سۈڭۈشدى
ئالپلار باشىن ئول يۇۋار
«مېنىڭ بىلەن كېڭەشتى،
ئەقلى ماڭا تەڭلەشتى؛
ئەرلەر بىلەن نەيزىلەشتى،
باتۇرلار بېشىنى دومۇلىتار.»
جەڭ ھەققىدە كېڭەشكەن بىر كىشى تەسۋىرلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ مەن بىلەن مەسلىھەتلەشتى، مېنىڭ ئەقلىم ئۇنىڭ ئەقلى بىلەن تەڭ كەلدى؛ ئۇرۇشتا پالۋانلار بىلەن نەيزىلەشتى، باتۇرلارنىڭ بېشىنى توپقا ئوخشاش دومۇلاتتى (تەڭەشۈر _ تەڭەشمەك).
3 - 536