Uyghur主要词典
تەڭلىمەك
شىۋىلەر
تاڭماق (چايقىلىپ كەتكەن باشنى تاڭماق).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چۈشمەك، تۆۋەنلىمەك، <تاڭلىماق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى بىراۋغا ئۇدۇللىماق، قاراتماق.
قورققان ئاۋۋال مۇشت تەڭلەر (ماقال).
سۇنماق، ئۇزاتماق.
كىشى نان تەڭلىسە يېمەيمەن دېمە، قولۇڭغا ئال، يېمىسەڭ يېمە (ماقال).
تەڭلەشتۈرمەك، توغرىلىماق.
تۇرغۇن ئۆزى كۆتۈرۈپ كەلگەن جەگە ياغاچنى ھاڭغا تەڭلىدى.
يېرىمىغا تەڭ قىلماق.
بىز ئون كۈندىلا بىر ئايلىق ۋەزىپىنى تەڭلەپ تۈگەتتۇق.