Uyghur主要词典
تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر يالغۇز يېگەن يەرگە
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە »بۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك، ئىچى تارلىق قىلماي، كەڭ قورساقلىق بىلەن بار ئىمكانىيەتتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: - ئاتىخان ئاكا: «تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭەر» دېگەن گەپ بار. بىز ھەممىمىز مۇساپىر، مۇساپىرچىلىقتا كۆرمىگەن كۈنلىرىمىز يوق، - دېدى بەگتۆمۈر.