Uyghur主要词典
تاسمىقۇرتلار سىنىپى
بىئولوگىيە
ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. سولتىزلار دەپ ئاتىلىدۇ. بارلىق تاسمىقۇرتلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى پارازىتلا بولۇپ، نىسبەتەن روشەن، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پارازىتلىنىشقا ماسلاشقان. يېتىلگەن قۇرت تاسمىسىمان، دۈمبە، قورساقلىرى ياپىلاق، قوش جىنسلىق، پۈتۈن تېنى باش بوغۇم، بويۇق قىسمى ۋە بوغۇملار دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش بوغۇمى چاپلاشقۇچى ئورگانلىرىنىڭ مەركەزلەشكەن قىسمى بولۇپ، شورىغۇچى تەخسىلىرى، شوراش ئىلمەكلىرى ياكى ئىلمەكچىلىرى قاتارلىق تۈزۈلۈشلىرى ئارقىلىق پارازىت خوجايىنىنىڭ ئۈچەي دىۋارىغا چاپلىشىدۇ؛ بويۇن قىسمى تاسمىقۇرتنىڭ ئۆسۈش رايونى ھېسابلىنىدۇ؛ بوغۇملۇق قىسمى بويۇق قىسمىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز ھالدا توغرىسىغا بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاسىل قىلغان بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپقان. بوغۇملىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭغا، ئۇزۇنلۇقى نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ؛ ياكى ئاز بولغاندا نەچچىلا بوغۇم، ئۇزۇنلۇقى ئاران بىر نەچچە مىللىمېتىر بولىدۇ. بوغۇملارنى ئىچىدىكى كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى ۋە بالىياتقۇسىدىكى تۇخۇم ئەھۋالىغا ئاساسەن يېتىلمىگەن بوغۇم، يېتىلگەن ۋە بوغاز بوغۇم دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئاخىرقى ئۇچتىكى بوغاز بوغۇملارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بوغۇملاپ ياكى پۈتۈن پارچە بويىچە ئاجراپ، پارازىت خوجايىنىنىڭ گەندىسى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. سەزگۈ ئەزالىرى پۈتۈنلەي رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ ئېغىز ۋە ئۈچەيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈنلەي يوقالغان، بەدەن سىرتىنىڭ ئوسموتىك رولى ئارقىلىق پارازىت خوجايىنىنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدىكى ھەزىم قىلىنىپ بولغان ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلىنىدۇ. ھايات تارىخىدا ئارىلىق خوجايىنى بولۇپ، لىچىنكىلىرىمۇ پۈتۈنلەي پارازىت ياشايدۇ. مەسىلەن، چوشقا سولىتراسى (چوشقا فىننوزى).