تاشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىچىگە، ئىچكىرىگە نىسبەتەن سىرت؛ تالا:[مىسال:] ئايخان ئوردىنىڭ تېشىدا ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ-دە، ئېرىنى كۆرۈش بىلەن خۇشاللىقى ئىچ-ئىچىگە سىغماي كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ تۇرغان قىسمى، تاشقى تەرىپى:[مىسال:] يوتقان تېشى. كىتابنىڭ تېشى.