تاشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياكى بىر پۈتۈن ئۇيۇل ھالەتتە ئۇچرايدىغان، سۇ كار قىلمايدىغان قاتتىق تاغ جىنسلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] تاشنى سوقسا قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ② كېسەللىك سەۋەبىدىن ئادەم ئورگانىزمىدا ھاسىل بولىدىغان قاتتىق ماددا؛ قېتىشما:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بىرمۇنچە تاشنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ جىڭ، گىرگە ئوخشاش سايمانلارنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى قادىقى:[مىسال:] جىڭ تېشى. تارازا تېشى.[يەشمىسى:] ④ سائەت مېخانىزملىرىنى تارتىش كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئېغىرتقۇ:[مىسال:] سائەت تېشى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق، مېھىر-شەپقىتى يوق:[مىسال:] تاش يۈرەك ئادەم. باغرى تاش ئاتا.[يەشمىسى:] ⑥ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.