Uyghur主要词典
تالا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئۆي ئىچى ۋە ھويلىغا نىسبەتەن سىرت، تاشقىرى، تالا _ تۈز.
تالادىن كىرمەك.* تالاغا قارىماق.* تالانىڭ ئادىمى.* تالانىڭ گېپى.* خوتۇن ئالمىسام تالادا قالدىم، خوتۇن ئېلىۋىدىم بالاغا قالدىم ( ماقال ).* تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يىپسىمان ماددا.
تەبىئىي تالا.* سۈنئىي تالا.* بىرىكمە تالا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
پارچە، بۆلەك.
پالاسنىڭ تالاسى.* تۇماقنىڭ تالاسى.* دۇتارنىڭ تالاسى.* تالاسىدىن سۆكۈلمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تالىماق، تالاش. 1. ئىت ۋە باشقا يىرتقۇچلار چىشلىمەك، بېسىپ تارتىشماق.
مېنى كىچىك ۋاقتىمدا بىر ئىت تالىغانىدى، شۇندىن تارتىپ ئىتتىن قورقىمەن.* بىرى سىزنى تۆرەم دەپ قارار، بىرى ئىتتەك تالار ( ماقال ).
2. بۇلىماق، تارتىۋالماق، تالان _ تاراج قىلماق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپەك، پاختا، يۇڭ، كەندىردىن ئېگىرىلىگەن ئۇزۇن نەرسە. توقۇش، تىكىش، باغلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
<رىشتە> ئايرىم قوللىنىلمايدۇ، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدە ئۇچرايدۇ.
<چىگە> كەندىر تالاسىدىن ئېلىنىدۇ، تومراق بولىدۇ.
<تالا> كۆپىنچە تەبىئىي بولىدۇ.
ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز - يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك. يىپىڭ ئېشىكلىك بولسا، ئىشىڭ پۈتۈكلۈك. قوۋم - قېرىداشنىڭمۇ رىشتىسى ئۈزۈلىدۇ. چىگە ئىنچىكە يېرىدىن ئۈزۈلەر. كېۋەزنىڭ پوستىدىن ياخشى تالا چىقىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئائىلىنىڭ سىرتى.
ئۆي
ئائىلە ۋە ئائىلىگە دائىر.
تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ. ئۆيدە ئارسلان، تالادا چاشقان. تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق. ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، ئۆي تۇتمىساڭ تالادا قالدىڭ. بىر ئۆينىڭ يورۇقى بىر ئۆيگە چۈشمەس. تالادىن تېپىۋالغان بىر سېپىم يىپمۇ ئولجا. تالا - تۈزدە يۈرگەن ئاتا - ئانىسىدىن جىق بىلەر.
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەردىكى مېخانىك توقۇلمىنىڭ بىر خىلى. ھۈجەيرىسى ئورگاننىڭ ۋېرتىكال ئوق يۆنىلىشى بويىچە ئۇزىراپ ئۆسىدۇ، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق، پوستى قېلىن، ھۈجەيرە بوشلۇقى كىچىك بولۇپ پروتوپلازمىسى ئۆلۈك بولىدۇ. ھەر قايسى ھۈجەيرىلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ مۇستەھكەم بىرىكىدۇ. تارقىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچلىق تالا بىلەن ئەۋرىشىملىك تالاغا بۆلۈنىدۇ. ياغاچلىق تالا ياغاچلىق قىسىمغا تارقىلىدۇ، ھۈجەيرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مىللىمېتر كېلىدۇ، ھۈجەيرە پوستى ياغاچقا ئايلىنىدۇ ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ. ياغاچ غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى ئاساسەن ياغاچلىق تالاغا تايىنىپ قاتىدۇ. ھۈجەيرىسىدە قىرلىق پوست تۆشۈكى بولىدۇ. ھۈجەيرە پوستىنىڭ قېلىنلىشىشى ۋە پوست تۆشۈك بوشلۇقى كىچىكلەپ، تۆشۈك ئاغزى سوزۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ئەۋرىشىملىك قىسم تالاسى ئەۋرىشىملىك قىسىم ئوتتۇرا ئوق غىلىپى ۋە قوۋزاق قەۋەتكە تارقىلىدۇ. ھۈجەيرىسى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 1 - 2 مىللىمېتىردىن 200 مىللىمېترغىچە كېلىدۇ. ھۈجەيرە پوستىك ياكى تالا تەركىبىنى ساقلاپ قالىدۇ، ياكى ياغاچقا ئايلىنىدۇ. ئەۋرىشىملىكى چوڭ بولىدۇ. ھۈجەيرىسىدە يېرىقچە ھالەتتىكى تاق پوست تۆشۈكى بولىدۇ. كەندىر قاتارلىق تالالىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشىملىك تالاسى توقۇمچىلىق سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشىياسى ھېسابلىنىدۇ. ياغاچلىق تالا بىلەن ئەۋرىشىملىك تالانىڭ فۇنكىسىيە جەھەتتىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئالدىنقىسى غولنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا تارقىلىپ، مىقدارى كۆپ ۋە قاتتىق بولىدۇ، ئاساسەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە تارتىش كۈچىگە قارشى تۇرۇش رولى بولىدۇ. كېيىنكىسى غولنىڭ سىرتىغا تارقىلىدۇ، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، ئاساسەن ئېگىلىشكە قارشى تۇرۇش رولى بار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يىرتماق، يوقاتماق، تارمار قىلماق