Uyghur主要词典
تاگۇچى ئۇكىچى
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1905) ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، تارىخشۇناس. ئىسمى تىسورۇ، لەقىمى دىڭشۈەن. 1872-يىلى ياپونىيە مالىيە ۋازارىتى تەرجىمە ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرگەن ھەمدە ئىقتىساد تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1878-يىلى مالىيە ۋازارىتىدىكى خىزمىتدىن ئىستېپا بەرگەن. ئىككىنچى يىلى شىبۇساۋا ئېئىئچنىڭ قوللىشى بىلەن <توكيۇ ئىقتىساد ژۇرنىلى> نى نەشر قىلغان. 1894-يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1898-يىلى يېزا ئىگىلىك سودا ـ سانائەت ئىشلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولغان. 1899-يىلى قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى بولغان. ئۇنىڭ: <ئىمپېرىيىىنىڭ مالىيەسى توغرىسىدا پىكىر>، <دۆلەت تارىخى قامۇسى>، <بۈيۈك ياپونىيە يەر ناملىرى قامۇسى>، <بۈيۈك ياپونىيە كىشى ئىسىم - فامىلىرى قامۇسى>، <بۈيۈك ياپونىيە كىشى ئىسىم - فامىلىلىرى قامۇسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 8 توملۇق <دىڭشۈەن تاگۇچى ئۇكىچى ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.