Uyghur主要词典
تاگار مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
سىبىرىيىنىڭ تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ ئاۋۋال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىنۇسىنىسكى شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاگار ئارىلىدىن تېپىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قاراسۇك (قاراسۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەدەنىيىتىدىن كېيىن بولۇپ، دەۋرى تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگىچە توغرا كېلىدۇ. سىبىرىيىدىن مىس ۋە قەلەي كۆپ چىققانلىقتىن، بۇ رايون ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەزگىل (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگىچە) دىلا تۆمۈر قورال دەۋرىگە كىرگەن. ئولتۇراق جايلارنىڭ خارابىلىرى كۆپ تېپىلمىغان، تېپىلغان خارابە ئاساسەن قەبرىستانلىقتىن، ئىبارەت. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا سۇغىرلىدىغان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئايرىم رايونلاردا چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان. ماترىئارخال ئۇرۇقداشلىق جامائەسى باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. مەدەنىيەت قىياپىتى سىكتايلارنىڭ شەكلى ئويۇلغان ھەر خىل مىس بېزەكلىرى بولغان.