Uyghur主要词典
سېتتېنبام
دۇنيا تارىخى
(1850 - 1946)، ئەنگىلىيىلىك مۇستەملىكىچى. ياش ۋاقتىدا نورماندىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان. مالايا تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. 1882 - يىلى سېلانگور شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. بۇ شتاتتا قەھۋە ۋە تاماكا ئېكىنزارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرغان ھەمدە قەلەي كان بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىش ئۈچۈن، شتات مەركىزىي كوئالا - لۇمپوردىن پورت كلاڭغا بارىدىغان تۆمۈر يولنى ياساتقان. 1889 - 1895 - يىللاردا پېراك شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدار بولغان. 1895 - يىلى پېراك، سېلانگور، سېمبىلان ۋە پاخاڭ تۆت شتاتنىڭ سۇلتانلىرىنى قوشما شتات شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبورلىغان؛ 1896 - يىلى مالايا قوشما شتاتى رەسمىي قۇرۇلغاندا، تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەمەلدار بولغان. 1901 - 1904 - يىللاردا نورماندىيە مۇستەملىكىسىنىڭ باش ۋالىيسى ۋە مالاينو شتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىيسى بولغان. بۇ مەزگىلدە تايلاندقا قاراشلىق بولغان مالايانىڭ شىمالىي شتاتلىرىغا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە تىرىشقان. نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، مۇھىملىرى <مالاياچە- ئېنگلېزچە سۆزلۈك>، <ئەنگلىيەگە قاراشلىق مالايا>، <مالايادىكى ئىزلىرىم> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.