Uyghur主要词典
سېپوي
دۇنيا تارىخى
ئىنگلىزچىدىكى Sepoy نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئەسلى پارسچىدىكى سىپاھ دېگەنلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەسكەر دېگەن مەنىدە. فرانسىيە - ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىدە ياللاپ ئىشلىتىلگەن ھىندىستاننىڭ يەرلىك ئەسكەرلىرى بولۇپ، گورا (ياۋرۇپالىق ئەسكەرلەر) دىن پەرقلەندۈرۈلگەن. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورالى.18 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئەسكەر ئېلىشقا باشلىغان. كېيىن ئەنگىلىيەمۇ ئۇنى دوراپ 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئادەم سانىنى 200 مىڭدىن ئاشۇرۋەتكەن. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىچكى قىسىمدادىن ۋە تائىپە ئايرىمىچىلىقى مەۋجۇت بولۇپ، ئىرقى كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇم ئېغىر بولغان، ھەربىي ئۆزگىرىشمۇ كۆپلەپ يۈز بەرگەن. 1857 - يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىدا ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرەشتىكى بىر مۇھىم كۈچ بولۇپ قالغان.