Uyghur主要词典
سېپىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇنقى چاغلاردا ئوردا ياكى شەھەرنى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن ئوردا ياكى شەھەرنى چۆرىدەپ ئېگىز ھەم قېلىن قىلىپ سوقۇلىدىغان تام. ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈرۈپ، دۈشمەن تەرەپنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى ۋە ئوق ئۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان كۆڭگۈرىلىرى بولىدۇ.