Uyghur主要词典
ستراسبۇرگ قەسەمنامىسى
دۇنيا تارىخى
مىلادى 842 - يىلى لۇئى (گېرمان ۋە چارلېس ) تاز( ستراسبۇرگ ) ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان(تا ئېلان قىلغان قەسەمنامە. 840 - يىلى چارلېس ئېمپېرىيىسىنىڭ ئېمپېراتورى لۇئى )تەقۋادار( ئۆلۈپ، چوڭ ئوغلى لوتائىرې Ⅰ تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئۇكىسى لۇئى )گېرمان ( بىلەن چارلېس ) تاز( نارازى بولۇپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان ھەمدە بۇ قەسەمنامىنى ئېلان قىلىپ، لوتائىرېنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلىش ئىرادىسنى تىكلىگەن. قەسەمنامە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەدىمكى رومان تىلى ۋە تېيوتون تىلىدا يېزىلغان، ئۇ <ۋېردۇن شەرتنامىسى> نىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.