Uyghur主要词典
ستاۋىسكىي ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى سىياسىي ۋەقە. فرانسيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى رۇس ستاۋىسكىي (1886 - 1934) ھايانكەشلىك پائالىيىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن بايلىقىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 1934 - يىلىنىڭ بېشىدا، ستاۋىسكىي 500 مىليون فرانكلىق پۇل چېكىنى يالغاندىن ياسىغان قىلمىشى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن، جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىياسىي ساھەدىكى1200 نەپەر زات (27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارىژ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) قا پارا بەرگەنلىكى، بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان سەتچىلىككە ئايلانغان. پوچتا - تېلېگراف مىنىستىرى گېئورگې ماندېر بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، نەتىجە چىقىرالمىغان. بۇ دېلو ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان رادىكال سوتسىيالىستلارغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيىدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قارلىغان. جاۋتېمپس ئىچكى كابېنتى 1934 - 1 - 27 - كۈنى كوللىكتىپ ئىستىپا بەرگەن. فرانسىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ داۋالغۇپ، ئاخىرى <6 - فېۋرال قوزغىلىڭى>غا ئېلىپ بارغان.