Uyghur主要词典
سترۇۋېچىلىق
دۇنيا تارىخى
<قانۇنىي ماركسزم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيىدە مەيدانغا كەلگەن بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمى. ئاساسلىق ۋەكىلى سترۇۋې.19 -ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، ماركسزم روسىيىدەكەڭ تارقالغان، بەزى بۇرژۇئا لىبېرال زىيالىيلىرى ماركسزم تۇغىدىن پايدىلىنىپ، بۇرژۇئا مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بولغان. ئۇلار دائىم چار پادىشاھى ھۆكۈمىتى ماقۇل بولغان <يېڭى گەپ - سۆز>، <ھايات> قاتارلىق قانۇنىي گېزىت - ژورناللاردا ئۆز نۇقتىئەنەزىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن <قانۇنىي ماركسزم> دەپ ئاتالغان. ماركسزمنى بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى پەردازلاپ، كاپىتالىزمنىڭ <ئىلغارلىقى>نى تەشۋىق قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنى ۋەھشىيانە ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلغانلىق جىنايىتىنى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ نامراتلىقىنىڭ مەنبەسىنى يوشۇرۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى يوققا چىقىرىپ، كاپىتالىزم <تىنچ ھالدائۆسۈپ> سوتسىيالىزمغا <كىرىدۇ> دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە دىكتاتورىسىغا قارشى تۇرغان. لېنىن نارودنىكلارغا قارشى كۈرەش جەريانىدا، <سترۇۋېزمچىلار> بىلەن ۋاقىتلىق ھەمكارلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ لىبېرال بۇرژۇئازىيىلىك خۇسۇسىيىتى ۋە ئاغمىچىلىق نۇقتىئەنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. كېيىن سترۇۋې ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئىچىدىكى بىرمۇنچە كىشىلەر كادېتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، چۈشكۈنلىشىپ، پرولېتارىياتنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن.