Uyghur主要词典
سىتوپلازمىنىڭ بۆلۈنۈشى
بىئولوگىيە
بۆلۈنۈۋاتقان ھۈجەيرىنىڭ يادروسى داۋاملىق بۆلۈنگەندىن كېيىن سىتوپلازما بۆلۈنىدۇ. بۇ، ئادەتتە يادرو بۆلۈنگەندىن كېيىن بولىدۇ، ئومۇمەن تەڭ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كېيىن بىر خىل ئەھۋالدا يادرو بۆلۈنگەندىن كېيىن سىتوپلازما بۆلۈنمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن، كۆپ يادرولۇق تەنچە ياكى بىرلەشمە ھۈجەيرىلىك تەنچە ھاسىل بولىدۇ. ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىتوپلازمىسىنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ھايۋان ھۈجەيرىلىرىدە ئېكۋاتور تاختىسى ئورنىدىكى ھۈجەيرە پەردىسىدە ئالدى بىلەن بىر بوغۇق يېرىقچە پەيدا بولۇپ، كېينن ئاستا - ئاستا قىسقىراش بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بوغۇلۇپ ئىككى بالا ھۈجەيرىگە بۆلۈنىدۇ. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىتوپلازمىسىنىڭ بۆلۈنۈشىدە ئالدى بىلەن ئۇرچۇقسىمان تەنچە ماددىسى ئېكۋاتور يۈزىدە پەردە ھاسىل قىلغۇچى تەنچىگە ئايلىنىپ، ئاندىن كېيىن ھۈجەيرە تاختىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى ھۈجەيرە پوستىغا ئايلىنىپ، ئىككى دانە بالا ھۈجەيرىنى ئايرىۋېتىدۇ.