Uyghur主要词典
سىتوخروم
بىئولوگىيە
تەركىبىدە ياردەمچى رادىكالى تۆمۈر پورفىرىن بولغان بىر خىل مۇرەككەپ ئاقسىل. سىتوخروم (Cyt) كۆپىنچە خوندىرىئوسومىدا بولىدۇ، Cyt دىن باشقىلىرى ئىچكى پەردىسىگە زىچ بىرلەشكەن. ئون خىلدىن ئارتۇق Cyt نىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ، ئادەتتە ئۇلار نۇر سۈمۈرۈش سپېكترى ۋە ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش پوتېنسىئالىغا ئاساسەن a, b, c, ۋە d لاردىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. ھازىر 40 خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمايدىغان مەنبەلىك ستوخروم C نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى ئېنىقلاندى. ئۇنىڭ تۆمۈر پورفىرىن (گېماتىن) لىق ياردەمچى رادىكالى ئۇنىڭ ئېتىلىدىنى ئارقىلىق a - كاربون ۋە ئېنزىم ئاقسىلىدىكى SH - بىلەن تىئوئېفىر بېغىغا تۇتىشىدۇ. Cytb ۋە P - 450 لەرنىڭ ياردەمچى رادىكالىمۇ گېماتىن، Cyta, a 3 لەرنىڭ گېماتىن A لىق بىرىكمە. aa3 ۋە p - 450 دىن تاشقىرى، قالغان Cyt لاردىكى تۆمۈر ئاتومى ئالتە ۋالېنتلىق بولۇپ، ئۇلار پورفىرىن ھالقىسى ۋە ئاقسىل قىسمى بىلەن كۇۋالېنتلىق ياكى كوردىناتلىق باغ ھاسىل قىلىدۇ، aa 3 بىلەن P - 450 لەردىكى تۆمۈر ئاتومى پەقەت بەش كوردىناتلىق باغ ھاسىل قىلىپ، بىر كوردىناتلىق بېغى ساقلىنىپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا O 2، CO ۋە CN - لار بىلەن بىرلىشەلمەيدۇ. سىئانىدلىق بىرىكمىلەر بىلەن زەھەرلەنگەندە aa3، CN - بىلەن بىرىكىپ پۈتكۈل نەپەسلىنىش زەنجىرىدىكى ئېلېكترون يەتكۈزۈش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ - دە، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. Cytc لىق ياسالمىلار ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قاتار كېسەللىكلەر، مەسىلەن، CO بىلەن زەھەرلىنىش، ئېگىز تاغدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئۆپكە يەل ئىششىقى، يۇقىرى قان بېسىمدىن كېلىپ چىققان پالەچ كېسىلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرىلەرنىڭ نەپەسلىنىشى بىلەن ماددا مېتابولىزمىنى تۈزەش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش روللىرىنى ئوينايدۇ.