Uyghur主要词典
سىتەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جەبىر، زۇلۇم:
قايدادۇر يابىۋەئى يادەردى ناك،
يا سىتەم ئىلكىدە بولغان سىنەچاك.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جەبر، زۇلۇم، سىقىق. سىقىن: ستەم سازلىق - زالىملىق، جەبىر قىلماقلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ئېزىلىش، ئازابلىنىش.
نەۋرىسى يوقنىڭ جەبرىسى يوق. جاپاسى كۆپ، ھالاۋىتى يوق. ئانىجان يادىمدىدۇر، ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ، كېچىلەردە ئۇخلىماي جەبىر _ جاپا تارتقانلىرىڭ. جاپا _ مۇشەققەت ئادەم تاۋلايدىغان ئالىي مەكتەپتۇر. تىجارەتتە رىيازەت بولىدۇ. ھەرەجنىڭ ئەجرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
جەبىر، جاپا، زۇلۇم؛ مۈشكۈللۈك، ئېغىرچىلىق.
سېنىڭ سىتەم زۇلمىڭدىن، پۈتۈن بولماي نېنىمىز، يۇرتنى تاشلاپ كەتتۇققۇ؟ مۇشۇ چۆلگە يەتتۇققۇ؟