Uyghur主要词典
سىتمىسونچىلىق
دۇنيا تارىخى
<ئېتىراپ قىلماسچىلىق>مۇ دېيىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ قوللانغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. 1931 - يىلى ياپونىيە <18 - سىنتەبر ۋەقەسى>نى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىنى ئىشغال قىلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى كۈچ باراۋەرلىكىنى بۇزىۋەتكەن. 1932 - يىلى 7 - يانۋار ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سىتمىسون جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە نوتا تاپشۇرغان نوتىنىڭ مەزمونى مۇنداق: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، زېمىن ۋە مەمۇرىي پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى، <ئۇرۇشماسلىق ئەھدىنامسى>گە خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەرتنامە ياكى كېلىشىملەرنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؛ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ خەلقنىڭ جۇڭگودىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى <ئوخشاشلا ئېتىراپ قىلماقچى ئەمەس>. ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يەنە قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلىپ <ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ مانجۇرىيىدىكى قانۇنلۇق شەرتنامە ھوقۇقىغا قىلچە ئارىلىشىش غەرىزى يوق>لىقىنى، ياپونىيىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىتمىسونچىلىقنىڭ ماھىيىتى، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىنى قۇربان قىلىپ بېرىش بەدىلىگە، ياپونىيىنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ھۇقۇق - مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.