Uyghur主要词典
سپېرما ھاسىل بولۇش
بىئولوگىيە
<ئۇرۇق ھاسىل بولۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائىي سپېرما ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىشى ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىپ ئاخىرىدا قىلئايىغى بولغان سپېرمىغا (ئۇرۇققا) ئايلىنىش جەريانى. ئادەمنىڭ سپېرما شەكىللىنىش جەريانىنى تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) كۆپىيىش دەۋرى؛ ئىپتىدائىي سپېرما ھۈجەيرە ئۇدا يىپلىق بۆلۈنۈپ سانىنى كۆپەيتىدۇ. (2) ئۆسۈش دەۋردى؛ ئىپتىدائىي سپېرما ھۈجەيرىسى ئۆسۈپ چوڭىيىپ ئىپتىدائىي سپېرما ئانا ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. (3) پىشىپ يېتىلىش دەۋرى؛ يېتىلگەن ئىپتىدائىي سپېرما ئانا ھۈجەيرىسى ئىككى قېتىم يېتىلىپ بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش بولۇپ، خروموسوما سانىنىڭ يېرىمى كېمىيىپ، بىر دانە ئىپتىدئىي سپېرما ئانا ھۈجەيرە (n2) ئىككى دانە ئىككىنچى دەرىجىلىك سپېرما ئانا ھۈجەيرە (n) گە ئايلىنىدۇ. چوڭلۇقى ئىپتىدائىي سپېرما ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىلىك سپېرما ئانا ھۈجەيرىسى يەنە ئىككىنچى قېتىملىق يېتىلىپ بۆلۈنىدۇ. بۇ ئادەتتىكى يىپلىق بۆلۈنۈش بولۇپ، جەمئىي تۆت دانە سپېرما ھۈجەيرىسى (n) ياكى سپېرما (n) نى ھاسىل قىلىدۇ. (4) ھالەت ئۆزگەرتىش دەۋرى؛ ھەر بىر سپېرما ھۈجەيرىسى ياكى سپېرما تون سىرتقى ۋە ئىچكى قىسمىنىڭ شىددەتلىك ئۆزگىرىشىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ياش، ئوتتۇرا بۆلۈكى ۋە قۇيرۇق قىسمى بولغان سپېرمىغا (ئۇرۇققا) ئايلىنىدۇ. ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ. ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسىنىڭ مورفولوگىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ.