Uyghur主要词典
سپىرىفېر
بىئولوگىيە
قەدىمكى ئومۇرتقىسىز ھايۋان. ئۇ بېغىش پۇتلۇق ھايۋانلار، سپىرىفېرلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قاپچۇقى ھاك (كالتسىي) ماددىلىق بولۇپ، تېنى كۆندىلەڭ چاسا شەكىللىك، ئادەتتە ئىككى يېنىغا خۇددى قارلىغاچ قانىتىدەك ئۇزىراپ چىقىپ تۇرغاچقا <تاش قارلىغاچ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ قاپچۇق يۈزىدە رادىئالسىمان قورۇق سىزىقلىرى بولىدۇ. ئىككى قاپچۇقى قوش كۆپۈنكى شەكىللىك. قاپچۇقلار ئارا چىشلىشىپ بىرىكىش ئورنى بولىدۇ، گىرۋىكى تۈز ھەم ئۇزۇن، قاپچۇقىدا بىر جۈپ كونۇس شەكىللىك چوڭ بېغىش سۆڭىكى بولۇپ، كونۇس چوققىسى قاپچۇقىنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدە بولىدۇ. كونۇس تېگى ئۇدۇل، قورساق قاپچۇقى كەڭ، دۈمبە قاپچۇقى تار. دېڭىزدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ تاش قالدۇقلىرى سىلۇر دەۋرىدىن يۇرا دەۋرىگىچە بولغان يەر قاتلاملىرىدىن تېپىلغان.