Uyghur主要词典
سپورا خالتا تەختى
بىئولوگىيە
سىرتى ياكى ئىچىدە سپورا ئۆسكەن زىچ جايلاشقان بىر توپ زەمبۇرۇغ يىپچە تەن، ياكى پارازىت ئىگىسى بولىدىغان توقۇلما، خالتا سپورىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپى بىلەن يېرىمى ئېنىق زەمبۇرۇغلار سىنىپىدا دائىم مۇشۇ خىل تۈزۈلۈش بولىدۇ. سپورا خالتا تەختى زەمبۇرۇغ يېپىنچىسىدىن ياكى زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى بىر خىل بولمايدۇ. مەسىلەن، قورتئوتىنىڭ سپورا خالتا تەختى كالتەكسىمان، باشاق مۈڭگۈزىنىڭ سپورا خالتا تەختى شارسىمان بولۇپ، سىرتىدا ياكى ئىچىدە خالتىلىق سپورا تېنى ئۆسىدۇ.