Uyghur主要词典
سپارتالىقلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناندىكىسپارتا دۆلىتىدە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن ئاھالىلەرگۇرۇھى. پېلوپوننېس يېرىمئارىلى (جەنۇبىي يۇنان)غا تارقالغان دورىيانلار (دورىسلار)نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بەلكىم ئازساندىكى باشقا ئۇرۇقلار قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. سپارتا شەھىرىنى قۇرغان (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردە)لىقتىن، مۇشۇنداق ئاتالغان. سپارتالىقلار دۆلەت ئىگىلىگىدىكى يەرنى بۆلۈۋېلشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، ھېلوتلار (دۆلەت ئىگىلىگىدىكى قۇللار)ئۇلار ئۈچۈن تېرىقچىلىق قىلغان ۋە ئولپان تاپشۇرغان (ئومۇمەن يەتتە ئائىلە ھېلوتلار بىر ئائىلە سپارتالىقنى باققان). ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانمىغان، سودىگەرچىلىك قىلىپ پايدا تېپىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان، تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئۈلۈش يەر ۋە شۇ ئۈلۈش يەرنى تېرىيدىغان ھېلوتلارسپارتالىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، مىراس قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان، ئەمما سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئەمەلىيەتتە سپارتالىقلار ھېلوتلارنى قۇل قىلغان ۋە پېرېكلارنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلغان ھەربىي قۇلدارلار گورۇھى ئىدى. قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، سپارتالىقلار ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى يولغا قويۇشنى قوبۇل قىلىدىكەن، 20 يېشىدا مۇقەررەر ئەسكەرگە ئايلىنىدىكەن، 30 ياشقا كىرگەندىلا ئائىلە تۇرمۇشى كەچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن ھەمدە رەسمىي پۇقراغا ئايلىنىپ، پۇقرالار يىغىنىغا قاتنىشالايدىكەن؛ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 60 ياشقا كىرگەندە، ئاندىن توشىدىكەن. باشقا كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى ھوقۇقى بولمىغان <باراۋەرلەر كوممۇنىسى> تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، كوللىكتىپ تاماق يېيىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىكەن. ئاياللارمۇ ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ساغلام ئوغۇل تۇغۇش، كەلگۈسىدە ئۇنى لاياقەتلىك پۇقرا جەڭچىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن؛ ئېيتىلىشىچە سپارتا ئاياللىرى پۈتكۈل يۇنان ئاياللىرى ئىچىدە، بىرقەدەر كۆپرەك ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولىدىكەن. دەسلەپتە ئۈلۈش يەر ئالغان سپارتا پۇقرالىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 9000 ئائىلىگە يەتكەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرگىچە بايلار ۋە كەمبەغەللەرگە بۆلۈنۈش جىددىيلىشىپ، ۋەيران بولغانلار تېز كۆپەيگەن، پۇقرالارنىڭ سانى جىددىي ئازايغان. شۇنىڭدىن كېيى، بىرلىككە كەلگەن سپارتا پۇقرالار گورۇھى تەدرىجىي پارچىلىنىپ كەتكەن.