Uyghur主要词典
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋېلىش ۋەقەسى
领域: دۇنيا تارىخى1968 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىغا قوراللىق ئارىلىشىش ۋەقەسى. شۇ يىلى 1 - ئايدا ئالېكساندر دۇبچېك (1921 - 1992) نوۋوتىنىي (1904 - 1975)نىڭ ئورنىغا چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغاندىن كېيىن، ئىچكى سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يەنى پارتىيە ئىچىدە ئەركىن تەنقىد قىلىشقا يول قويۇش، مىللىي پارلامېنتنى چېخوسلوۋاكىيەنىڭ سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئورگىنى قىلىپ جاكارلاش، سىياسىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باراۋەرسىزلىكنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇ ھەرىكەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 8 - ئاينىڭ 20، 21 - كۈنلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە قاتناشقان تۆت دۆلەتنىڭ (پولشا، ۋېنگرىيە، دېموكراتىك گېرمانىيە، بۇلغارىيە) 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى چېخوسلوۋاكىيەگە بېسىپ كىرگەن؛ كېيىن قوشۇنلىرى كۆپەيتىلىپ 650 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈلگەن. 21 - كۈنى سەھەردە چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيسى مەركىزىي كومېتىت بىناسىنى قورشىۋېلىپ، دۇبچىك قاتارلىق پارتىيە رەھبەرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، پراگادىكى بارلىق ئېدېئولوگىيە، مەدەنىيەت، تەشۋىقات مەركەزلىرىنىمۇ قامال قىلىۋالغان. خەلقنىڭ نامايىش، ئومۇمىي ئىش تاشلىشىمۇ باستۇرۋېتىلگەن. 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى موسكۋادا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمدە: دۇبچېك يەنىلا پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارى بولۇش؛ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوراللىق قىسىملار پەيدىنپەي چىكىنىپ چىقىپ كېتىش؛ بىراق بۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنىلا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ غەربىي چېگرىسىدا تۇرۇش، ئاخبارات، كىتاب - ژورناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛پارتىيىنىڭ دۆلەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن. لېكىن بۇ ۋەقەدىن كېيىن چېخوسلوۋاكىيە كومپارتىيسى ئىچىدىكى بۆلۈنۈش تېزلىشىپ، 1969 - يىلى 4 - ئايدا، دۇبچېك تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولۇپ، ئورنىغا خوساك (1913 - ) باش سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。