Uyghur主要词典
سوۋېت ياپونىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1945 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ دۆلەت <يالتا كېلىشىمى>دىكى مەجبورىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 8 - ئاينىڭ 11 -كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيەگە قارشى قوراللىق كۈچلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچ يۆنىلىش ئەسكىرىي كۈچ بىلەن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا كىرىپ، جۇڭگو خەلقىگە ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىپ، ياپونىيەنىڭ كانتون ئارمىيىسىنى تېزلىك بىلەن تارمار قىلغان. 8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ياپونىيە تەسلىمنامىگە قول قويغان.