Uyghur主要词典
سوۋېت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ياكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى.
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى - ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. پارلامېنت بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. ئالىي سوۋېت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ئىدى. چوڭ خورال موڭغۇلىيىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئوگىنى.
دۇنيادىكى دۆلەت تۈزۈملىرى
«سوۋېت» روسچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «يىغىن» ياكى «ۋەكىللەر يىغىنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى پرولېتارىيات ئاممىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان تەشكىلات ئىدى، كېيىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئايلاندى.1917
- يىلىدىكى فېئودال ئىنقىلابى مەزگىلىدە، روسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشچى ئەسكەرلەر ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت بىلەن دېھقانلار ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت قۇرۇلۇپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىللە مەۋجۇت بولدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر سوۋېتى قوشۇلۇپ، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىدىكى ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئايلاندى.1934 - يىلى، ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىكىدىكى سوۋېتقا ئۆزگەرتىلدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي سوۋېتى ئۇنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ، دائىملىق ئورگىنى ئالىي سوۋېت ھەيئەت رىياسىتى ئىدى.1989 - يىلى، خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۆزگەرتىلدى. قۇرۇلتايدا بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلدى.1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەمەلدىن قالدى.
دۇنيا تارىخى
رۇسچە Cobet نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، يىغىن ياكى قۇرۇلتاي مەنىسىدە. روسىيە پرولېتارىياتى 1905 - 1907 - يىللىرىدىكى ئىنقىلاب قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات. 1905 - يىلى يازدا ئىۋانوۋ - ۋوزنېسسېكى شەھىرىدىكى 70 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلاش داۋامىدا 151 نەپەر ۋەكىل سايلاپ چىقىپ، تۇنجىئىشچىلار سوۋېتىنى تەشكىل قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە پېتربۇرگ، موسكۋا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئىشچىلار سوۋېتلىرى قۇرۇلغان. بالتىق دېڭىز قىرغاقلىرى رايونى، ساراتوۋ ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىمۇ دېھقانلار سوۋېتى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتلار ئىش تاشلاشقا تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش، سەككىز سائەتلىكئىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، خەلقنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە باج - سېلىق تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا چاقىرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن پېتربۇرگدا، ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشچى - ئەسكەرلەر سوۋېتىنى بەرپا قىلغان. بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىدىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەت بىرلا ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، لېنىن <پۈتۈن ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ بولسۇن!> دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان. كېيىن مېنشېۋىكلار بىلەن سوتسىيال ئىنقىلاپچىلار پارتىيىسى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن،سوۋېتلەر بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلانغان. 1917 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كورنېلوۋ توپىلىڭىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سوۋېتلەر بولشېۋىكلارنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىي ۋاقتىدا سوۋېتلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئورگىنى، ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى تىپتىكى دۆلەت ئورگىنىغا ئايلانغان <ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى>گە قارالسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
روسچە
ئى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى.
سۈپ. سوۋېت تۈزۈمىگە ئائىت، سوۋېت تۈزۈمىگە ئاساسلانغان.
سوۋېت ھاكىمىيىتى. سوۋېت ھۆكۈمىتى.
ئى. دۆلىتىمىزنىڭ 2 - قېتىملىق ئىچكىي ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئىشچى - دېھقان دېموكراتىك ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەت رەھبەرلىكىدىكى جايلار.
سوۋېت رايونى.