Uyghur主要词典
سوۋغات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەتلەپ، تەبرىكلەپ سۇنۇلغان نەرسە.
سوۋغات بەرگەنگە ئىشەنمە. سەن سوۋغىغا سېتىۋالغان دوستنى خەقمۇ سوۋغىغا سېتىۋالالايدۇ. يىللار بىزگە تەجرىبە سوۋغا قىلسا، كىتاب بىزگە بىلىم سوۋغا قىلىدۇ. تارتۇق قىممەتلىك ئەمەس، كۆڭۈل قىممەتلىك. ھەدىيە قىل، مىننەت قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«سوۋغا»غا قاراڭ.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشرگە تەييارلقىغان، 1985 - يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى تاللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى تاللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭغا زۇنۇن قادىرىنىڭ <قىزىلگۈل>، قەييۇم تۇردىنىڭ <گۈلزارلىك ھويلىدىكى كىشلەر>، زوردۇن سابىرنىڭ <ئامەت>، ئەخەت تۇردىنىڭ <سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە>، ئابدۇراخمان قاھارنىڭ <ئەمەت ھاجى>، قاھار جېلىلنىڭ <چەۋەنداز>، ئابلىمىت سابىرنىڭ <دەرۋازىۋەن>، <مالىك كېۋىرنىڭ >ھاياتقا مەدھىيە<، ئەخەت ھاشىمنىڭ >خۇشاللىقىنىڭ سىرى<، ئابلا ئەخمىدىنىڭ >كاج بواي<، توختى ئايوپنىڭ >ۋىسال كېچىسى< قاتارلىق ھېكايىلىرى؛ ئالىمجان ئىسمائىل، مەمتىمىن ھوشۇر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ تاللانغان ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.