Uyghur主要词典
سوقۇش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش <ئۇرۇش>، <سوقۇش> ئومۇمىي ئاتىلىشى.
<جەڭ> ئۇرۇشنىڭ مەلۇم دائىرە، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئايرىم بۆلىكى. خەنزۇچە: 战. كونكرېت ئەھۋالدا <كۈرەش> مەنىسىنى بېرىدۇ.
<ئېتىشىش> ئىككى تەرەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر - بىرىگە
ئالەمنى بىلگەنلەر دېيىشەر ھامان، ئۇرۇش تاشقىرىدىن كۆرۈشكە ئاسان. شۋېيتسارىيىدە 600 يىلدىن بېرى سوقۇش بولماپتۇ. جەڭ تۈگىمەي ئېتىڭنىڭ ئېگىرىنى ئالما. تىنچ پۈتەر ئىشقىمۇ جەڭ - يېغا ئاچقان، ئادەمنىڭ ئەقلىنى، دېمەك، چاڭ باسقان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ماناستا قاتتىق ئېتىشىش بولغان. يېغا چىقسا، يىراق تۇر. يېغىلىقتا يات ياخشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر ئىختىلاپى ياكى دىل ئازارلىقتىن چىققان تالاش - تارتىش، جېدەل.
خوتۇن، تۇغقىنى كەلسە، كۈندە گۈرۈچ؛ ئەر تۇغقىنى كەلسە، كۈندە ئۇرۇش. سوقۇش - ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان زەھەرلىك دورا. تۆردىكى بىلەن ئۇرۇشقىچە، قازان بېشىدىكى بىلەن مۇشتلاش. مۇشتلاشتا ئارىچى ئازابلىنار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش.
تىنچلىق، سۈلھ
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش توختىغان ھالەت.
ئۇرۇش - تالاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشنى بىلمىگەن كۈچلۈكنىڭ كۈچى زايا. جەڭگە كەتكەننىڭ ھەممىسى جەڭچى ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ يېگىنى پۇل، ئىچكىنى قان. سوقۇشنىڭ كۆزى سوقۇر. ئۇرۇش - خان - پادىشاھلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى. يېغىدىن يار بويى قاچ. يېغىلىقتا يات ياخشى. تەڭگىدىن تىنچلىق قىممەت. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق بولار. ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«سوق» گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇرۇش، جەڭ، كۈرەش؛ جېدەل - ماجىرا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇچرىماق