سوقماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىگە ئۇرماق:[مىسال:] تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر شەكىلگە، ھالەتكە كەلتۈرمەك، ياسىماق، سالماق:[مىسال:] پىچاق سوقماق. قىر سوقماق.[يەشمىسى:] ③ يانجىماق، ئۇۋىماق:[مىسال:] قوناق سوقماق، بۇغداي سوقماق.[يەشمىسى:] ④ چالماق:[مىسال:] چاۋاك سوقماق. جاڭ سوقماق. * بۇ چاغدا كىمدۇر بىرى ساپايى سوقۇۋاتقان كىشىدىن قانداق قىلىپ بۇ شەھەرگە مۇساپىر بولۇپ كېلىپ قالغانلىقىنى سورىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئۈزۈلمەي، توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق، ئۇرماق؛ تېپچەكلىمەك:[مىسال:] يۈرىكى سوقماق.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارتماق، خالىماق:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا مېنىڭ كۆڭلۈم پاتىگۈلگە بەكرەك سوقاتتى.[يەشمىسى:] ⑦ چىقماق، ئۇرماق (شامال، بوران ھەققىدە):[مىسال:] ئىككى قىرغىقى پىچاقتا كەسكەندەك تىك يارلىق چوڭقۇر سايدىن تۆمۈرنىڭ ئىسسىقىنى بېسىپ، ساپ، سالقىن شامال سوقۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑧ تەپمەك، ئۇرماق (توك ھەققىدە):[مىسال:] توك سوقماق.[يەشمىسى:] ⑨ يوللىماق، ئەۋەتمەك، بەرمەك (تېلېفون، تېلېگرامما ھەققىدە):[مىسال:] تېلېفون سوقماق.[يەشمىسى:] 01 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوغرىلىماق، ئېلىۋالماق؛ بابلىماق، جايلىماق:[مىسال:] ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] 11 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېمەك، يەۋالماق:[مىسال:] ئۇ يالغۇز قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پولۇنىڭ گۆشلىرىنى خىللاپ سوققىلى تۇردى.