Uyghur主要词典
سوقۇر خالتا
بىئولوگىيە
سوقۇر نەيچە ياكى كائېكۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋان تېنىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىغا يېپىشىپ قوشۇمچە ئۆسكەن، بىر تەرىپى تۇيۇق خالتىسىمان ياكى نەيچىسىمان تۈزۈلۈش. نۇرۇغۇنلىغان ھايۋانلاردا ھەزىم قىلىش نەيچە دىۋارىنىڭ سىرتىغا (تەن بوشلۇقىغا) بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن سوقۇر خالتىلىرى بولىدۇ. مەسىلەن؛ ھاشاراتلارنىڭ ئوتتۇرا ئۈچىيىدە <ئاشقازان سوقۇر خالتىسى>، ئاخىرقى ئۈچىيىدە <توغرا ئۈچەي سوقۇر خالتىسى> بولىدۇ؛ تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار بىلەن بېلىقلاردا <پىلورۇس سوقۇر خالتىسى> بولىدۇ (ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزىدا)؛ ئۆمۈچۈكنىڭ ئوتتۇرا ئۈچىيىدە مەركىزىي ئوتتۇرا ئۈچەي نەيچىسى ۋە ئىككى يېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوقۇر خالتا بولۇپ، ئىككى ياندىكى سۇقۇر خالتىسى يەنە ئۆز ئالدىغا تۆتتىن سوقۇر خالتىغا بۆلۈنگەن. سوقۇر خالتىلار ئاجرىتىش ۋە سۈمۈرۈش يۈزىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقلارنى ۋاقتىنچە زاپاس ساقلاش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. كاراكاتسىيە (سىياھبېلىق) نىڭ سوقۇر خالتىسى بولسا، ئالاھىدىلەشكەن ۋە ئالاھىدە فۇنكىسيىسى بولغان، تەرەققىي قىلغان بىر <توغرا ئۈچەي سوقۇر خالتىسى> ھېسابلىنىدۇ.