Uyghur主要词典
سوغۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق سوغۇق، شىۋىرغان.
ئورغاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا قۇت، تاۋاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا جۇت. جېنڭغا جۇت كىرسۇن. قالپىقىنى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ. تاغاقسىدا جۇدۇن كۆپ بولىدۇ. بېلىقچىقۇش بوران _ چاپقۇندىن قورقماس. ھاۋا رايى ئىستانىسسى، ئەتە سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ، دەپ ئالدىن مەلۇمات بەردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆۋەن ھارارەت، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ھالەت. كۆچمە مەنىدە: يېقىمسىز.
قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرى باشلاندى. ئۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقى سوغۇق. بۇ يىل قىش بەك سوغ بولدى. ئىزغىرىن شامال يۈزگە ئۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھارارىتى، تېمپېراتۇرىسى بەلگىلىك گرادۇستىن تۆۋەن بولغان.
سوغۇق سۇ. سوغۇق ھاۋا.
يېڭى كوزىنىڭ سۈيى سوغۇق (ماقال).
ئى. ھارارىتى، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ھاۋا؛ ئاياز.
بىز قارلىق تاغقا بېرىپ چېنىقىشىمىز، سوغۇقتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك.
ئى. سوغۇقلۇققا تەۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە ئورگانىزم پائالىيىتىنىڭ سۇسلىشىشى.
سوغۇقى ئاشماق. سوغۇق كەلمەك.
سۈپ. كۆچمە. ئۆزىگە جەلپ قىلمايدىغان، كۆڭۈلگە ياقمايدىغان، يېقىمسىز، قوپال.
سوغۇق مۇئامىلە. سوغۇق جاۋاب.
ئۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقى سوغۇق (ماقال).