Uyghur主要词典
سوغد يېزىقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
سوغدلار ئىشلەتكەن يېزىق. ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 يىللىق دەۋرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئارامىي يېزىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان، ئەرەب يېزىقىغا ئوخشاش ئوڭدىن سولغا يېزىلغان ۋە ئوقۇلغان. قەدىمكى مەنبەلەردە، ئۇنىڭدا 25 ھەرپ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بىراق، تۈرلۈك جايلاردىن تېپىلغان يادىكارلىقلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەرپ سانى 20 دىن 25 گىچە بولغانلىقى سېزىلدى.