Uyghur主要词典
سوغدىيانا
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يەر نامى. ئامو دەرياسى بىلەن سىردەرياسى ئارىلىقىدىكى ماۋرا ئۇننەھىر ۋادىسى (ھازىرقى تاجىكىستان بىلەن ئۆزبىكىستان چېگرىسى ئىچىدە)غا جايلاشقان. بۇ <ئاۋستا> ۋە <بېخسىتۇن قىيما تاش ئويما يېزىقى>دا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا) تىلغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھىندى - ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىغا كىرىدىغان شەرقىي ئىران تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، ئاساسەن دېھقان - چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە سىنىپىي جەمئىيەت ۋە دۆلەت (سوغدى) شەكىللەنگەن، تەخمىنەن شۇ ۋاقىتلاردا پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان (ئۆلكە قۇرۇلغان). مىلادىدىن 329 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندرنىڭ زور قوشۇنى ئىشغال قىىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، كەينى - كەينىدىن سېلېئوكوس، باكتىرىيە،كۇشان بەگلىكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدىمۇ <سوغدى> ياكى <كانگىيە> دەپ ئاتالغان.